باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئىسلام تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-21   
«مىسىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» خەۋىرى: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۇڭگولۇق ئۈچىنچى دوكتور مەيدانغا كەلدى. ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ھەبىبۇللا توختى. دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيىسى ياقلاش يىغىنىدا ئۇ 15 يىللىق جاپالىق ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن جۇغلىغان مول بىلىمىگە تايىنىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 2001-يىلى ئۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋاقتىدىلا ئىنگلىزچە، ئەرەبچە ئاساسى ياخشى ئىدى، خەنزۇچىنىمۇ راۋان سۆزلىيەلەيتتى. ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىشى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا شەرەپ ۋە ئىلھام ئېلىپ كەلدى. بۈگۈنكى نەتىجە ئۈچۈن ئۇ تالاي كۈنلەرنى كىتاب بىلەن ئۆتكۈزدى. باشقىلار پەقەت نەتىجىنىلا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەجىر-مېھنەتنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ھەبىبۇللا توختىنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىگە قانداق مۇشەققەتتە ئېرىشكەنلىكىنى بىر ئاللاھ، ئاندىن قالسا بىر ئۆزى بىلىدۇ، تىرىشقان تاپار دېگەندەك، ئاللاھمۇ تىرىشقۇچىلارنى نائۈمىد قويمايدۇ. مۇشۇنداق تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى، ۋەتەن ۋە خەلققە پايدىلىق ئالىملاردىن بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز. (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)  
يەنە >>سۈرەتلەر