باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەھىيە ۋازارىتى: مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىپ، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-17   
«ئەرەب خەۋەر تورى»نىڭ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى ۋازارىتى ھاجىلارغا بىر يۈرۈش تەۋسىيەلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن دورا ئىچىش ۋە مۇۋاپىق ئارام ئېلىش قاتارلىق ماددىلار بار. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ھاجىلارنىڭ ھەج پەرزىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىبۇلا ۋىرۇسى ۋە ئوتتۇرا شەرق ئارىلاشما نەپەس يولى كېسىلى ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش.
سەھىيە ۋازارىتى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەج قىلغۇچىلار سىرتقا چىققاندا چوقۇم پاكىز ئاشخانىنى تاللاپ غىزالىنىشى كېرەك. ئاشخانىدا كۈتكۈچىلەرنىڭ تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان، قىلمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى، ئۆزىمۇ يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، خام تۇخۇم يېمەسلىكى، يېمەكلەرنى توغرا ئۇسۇلدا سوغۇقتا ساقلىشى كېرەك.
دىيابېت كېسىلى بارلار ھەج پائالىيىتى داۋامىدا ناۋات ياكى شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى، قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبلىك بېشى قېيىشتىن ساقلىنىشى، تاماقنى تەرتىپلىك يېيىشى، دورىنى ۋاقتىدا ئىچىشى، كۆپ سۇ ئىچىپ ياخشى ئارام ئېلىشى كېرەك.
بۆرەك كېسىلى بارلار تاماقنى جايىدا يەپ، مۇۋاپىق سۇ ئىچىپ بېرىشى، تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىشى، كۈچلۈك كۈن نۇرىدىن يىراق تۇرۇشى، دورىنى ۋاقتىدا يەپ، كۆپ ئارام ئېلىشى كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار تۇز-تەمى بار يېمەكلىكلەرنى يېيىشى، مايلىق تاماقلار، مۇراببالار ۋە ئۇزاق ساقلانغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. يەنە ئادەم كۆپ يەرگە بېرىپ ئۆزىگە بېسىم سالماسلىقى، ئىچىملىك چاي، قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك.
سەھىيە ۋازارىتى ھەر بىر ھاجىدا كېسەللىك دەپتىرى بولۇشى كېرەكلىكى، زۆرۈر پەيتلەردە دوختۇرلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالغا كۆرە كېسەل داۋالىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. (ما خەيياڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر