باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ مەككەگە كىرىشىنى چەكلەيدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-17   
«سەئۇدى ئەرەبىستانى گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ ھەج خىزمىتى پىلانىنى ئىجرا قىلىدۇ، مەككە، ھەرەم مەسچىتى ۋە ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 15مىڭ 120 نەپەر خادىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى ھەج ئىشلىرى قوماندانىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ھەر يەردە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يول بىخەتەرلىكى ئەترىتى ھەرقايسى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەن 25 كۈندە مەككەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان 111مىڭ قانۇنسىز ھەج قىلغۇچى ۋە 41مىڭ قانۇنسىز ماشىنىنى توستى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا قىسقا مۇددەت تۇرۇش رۇخسىتى ئالغان چەت ئەللىكلەر ئەگەر كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بولمىسا ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەج قىلىش رۇخسىتى يوق كىشىلەرنىڭ مەككەگە ياكى ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. (ما جىن، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر