باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ”ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز“ھەرىكەت پىلانى باشلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-17   
«سەئۇدى ئەرەبىستانى گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتە مەككە ئەمرى شاھزادە خالىد فايسال ئىككى ھەرەم مەسچىتى ھەيئىتى تەشكىللىگەن ”ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز“ ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى. ئىككى ھەرەم مەسچىتى ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى شەيخ ئابدۇرەھمان سۇدەيس بۇ ھەرىكەتنى باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”ئۈچىنچى يىللىق ھەرىكەت پىلانى ھاجىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق، بىخەتەر، ئازادە مۇھىت يارىتىش“. ئىككى ھەرەم مەسچىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى بۇ پىلاننىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئېلان قىلدى. سۇدەيس مۇنداق دېدى: ”ھەيئەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار يولۇققان مەسىلىلەرنى خۇشاللىق بىلەن ھەل قىلىدۇ“.
مەككە ئەمرى بۇ ھەيئەتنىڭ ھەجگە مۇناسىۋەتلىك يېتەكچىلىك، ئىجرائات، قوغداش، پەن-تېخنىكا ۋە مېدىيا قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇلازىمەت پىلانىغا يۇقىرى باھا بەردى.
بۇ ھەيئەتنىڭ تازىلىق ۋە ئەسلىھە بۆلۈمى مەسئۇلى ماھىر زەھرانىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھاجىلارنىڭ مېڭىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىككى ھەرەم مەسچىتىدىكى بارلىق گىلەملەر ئېلىۋېتىلىدۇ. 2700دىن كۆپ تازىلىق ئىشچىسى ئىككى ھەرەم مەسچىتىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۇلارغا 2500دانە تازىلىق سايمىنى سەپلىنىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەج مەزگىلىدە ئىككى ھەرەم مەسچىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەيداندىن ھەر كۈنى 140 توننا ئەخلەت تازىلىنىدۇ. ھاجىلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەسچىتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا 1500 دانە چوڭ ئەخلەت تۇڭى، 1000 دانە كىچىك ئەخلەت تۇڭى قويۇلغان. ئۇ ھاجىلارنىڭ ئىككى ھەرەم مەسچىتى تازىلىقىغا رىئايە قىلىشىنى، يەيدىغان-ئىچىدىغاننى مەسچىت ئىچىگە ئەكىرمەسلىكىنى، ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئىچى ۋە تېشىغا قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھاجىلارنى زەمزەم سۈيىدە تاھارەت ئالماسلىققا، يۇيۇنماسلىققا، ماڭىدىغان يەرگە سۇ چېچىپ، يولنى تېيىلغاق قىلىپ، ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە چاقىردى. (ما جىن، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى: تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر