باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۈچ ھەربىي بازىنى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ئۈچۈن تەييارلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-17   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەمىر فايسال ئابدۇللا بىن ئابدۇلئەزىز ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىلقى ھەج مۇلازىمىتى پىلانىنى تەستىقلىدى. ھىلال ئاي جەمئىيىتى ھەج ۋە ئۆمرە ھەج ئىشلىرى مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ مۇدىرى خالىد بىن سالىم ھەبەشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى تۈزۈلۈپ بولغان بولۇپ، 2557 خادىم بۇ پىلاننى ئورۇنلاشقا قاتنىشىدۇ، شۇمەيس، باغدا، بەھرىيە ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. (مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر ھاجى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر