باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاجىيەلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئايال خادىملارنى سەپلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-17   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى ۋازارىتىنىڭ مەدىنە شۆبىسى ھاجىيەلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئالتە نەپەر ئايال خادىمنى ئىشقا قويدى. ھەج ئىشلىرى ۋازارىتىدىكى مەسئۇل كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانى كادىرلار ۋازارىتىگە مەككە بىلەن مەدىنەدە ئاياللاردىن رەسمىي خىزمەتچى خادىم ئىشلىتىش لايىھەسىنى سۇنغان بولۇپ، مەككە ۋە مەدىنە يۈزدىن ئارتۇق ئايال خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. ھەج ئىشلىرى ۋازارىتى مەدىنە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد بەيزاۋىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەج ئىشلىرى ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى بەندار ھىجارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنغان ئايال خىزمەتچىلەر رەسمىي خىزمەتچى ئەمەس، ئۇلار پەقەت ھەج مەزگىلىدە مەدىنەدىكى ھاجىيەلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. (مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر ھاجى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر