باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى: بۇ يىلقى قۇربانلىق ھەق 475 رىيال

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-06   
«سەئۇدى ئەرەبىستانى گېزىتى» 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مەسئۇلى دوكتور ئەھمەد مۇھەممەد ئەلى سەيشەنبە كۈنى جىددەدىكى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش بۆلۈمىدە يىللىق قۇربانلىق مۇلازىمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھاجىلارنى ساغلام ۋە باھاسى مۇۋاپىق قوي بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ يىل بېكىتىلگەن قۇربانلىق ھەق 475 رىيال، بۇ ھاجىلار قوبۇل قىلالايدىغان باھادۇر.
ئۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتتىكى ھەج ئۆمىكى خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: ھاجىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى 34 يىل ئىلگىرى مەزكۇر قۇربانلىق بېلىتى پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، مەقسەت، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىق قىلىمەن دەپ قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قۇربانلىق بېلىتىنى سېتىۋېلىشنىڭ يوللىرى كۆپ بولۇپ، توردىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، بانكىلاردىن ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىقمۇ، بېلەت سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىدىنمۇ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلخانىلىرىقۇربانلىق مال سېتىۋېلىش ھەققىدە ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى بىلەن ئەسلەتمە ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: يول بويىدىكى قاسساپلارغا پۇل بېرىپ قۇربانلىق قىلدۇرماڭلار، چۈنكى ئۇلار تازىلىققا رىئايە قىلىپ بولالمايدۇ، ئۇنداق سالاھىيىتىمۇ يوق.
بۇ يىلقى قۇربانلىق مۇلازىمىتىگە 40 مىڭ خادىم تەيىنلەنگەن بولۇپ، بۇلار قاسساپ، كارانتىن خادىمى ۋە فىقھەشۇناسلارنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى مىنا قۇشخانىسىنى سېلىشقا 200 مىليون رىيال سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 900 مىڭ تۇياق قۇربانلىق قوي 24 دۆلەتكە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. (ما جۇڭپىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد قاتارلىقلار تەرجىمىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر