باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مەدىنە سەھىيە ئىدارىسى ھاجىلار ئۈچۈن 7 دوختۇرخانا تەسىس قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-06   
«مەدىنە گېزىتى» 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋىرى: مەدىنە سەھىيە ئىدارىسى ھاجىلار ئۈچۈن 7 دوختۇرخانا تەسىس قىلدى، بۇ دوختۇرخانىلاردا جەمئىي 999 كارىۋات بار. بۇنىڭ ئىچىدە پادىشاھ فەھىد دوختۇرخانىسىدا 423 كارىۋات، ئەنسارى دوختۇرخانىسىدا 100 كارىۋات، مىقات دوختۇرخانىسىدا 65 كارىۋات، ئۇھۇد تېغى دوختۇرخانىسىدا 261 كارىۋات، ھاناكيا دوختۇرخانىسىدا 50 كارىۋات، خەيبەر دوختۇرخانىسىدا 50 كارىۋات، ھامنا دوختۇرخانىسىدا 50 كارىۋات بار. جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە كۆزىتىش بۆلۈمى ئۈچۈن يەنە 135 كارىۋات كۆپەيتىلدى.
بۇ دوختۇرخانىلار ئاساسەن پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدىكى جىبرىئىل ئىشىكى، سافا ئىشىكى، تىنچلىق ئىشىكى، مەجىد ئىشىكى قاتارلىق ئىشىكلەر ۋە ئىشىك ئالدى مەيدان، ھاجىلارنىڭ تۇرالغۇ ماكانى، ئۇھۇد تېغى، قۇبا مەسچىتى، مىقات قاتارلىق جايلارغا تەسىس قىلىندى. يەنە شەھەر مەركىزىگە ۋاقىتلىق داۋالىنىش مەركىزى بىلەن كۆزىتىش بۆلۈمى تەسىس قىلىندى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەندى. (خەۋەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئەمىن مەخمۇت ھاجى؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر