باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شەيخ سۇدەيسى: 15مىڭ خادىم ھەج مۇلازىمىتى پىلانىغا قاتنىشىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-06   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋىرى: ئىككى ھەرەم مەسچىتى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ ئابدۇرەھمان سۇدەيسى بۇ يىلقى ھەج مەزگىلىدە ئىككى ھەرەم مۇلازىمىتى پىلانىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر پىلان 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ھەرەم مەسچىتىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىپ، ھىجرىيە يېڭى يىل(تەخمىنەن 10-ئاينىڭ 15-كۈنلىرى) ئاياغلىشىدىكەن؛ پەيغەمبەر مەسچىتىدە 8-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىپ، ھىجرىيە يېڭى يىلنىڭ 15-كۈنى(تەخمىنەن 10-ئاينىڭ 30-كۈنلىرى) ئاياغلىشىدىكەن. ئىككى ھەرەم مەسچىتى ئۈچۈن تەخمىنەن 15 مىڭ ئىشچى ۋە تېخنىك خادىم پىلان بويىچە مۇلازىمەت قىلىدىكەن، مەزكۇر پىلان ھاجىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، كۈندىلىك مۇلازىمەت، تېخنىك ياردەم، تەشۋىقات-تەربىيە ۋە نازارەت قاتارلىق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (خەۋەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر ھاجى؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر