باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

نەپەس يولى كېسىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسال كونترول قىلىندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرى خالىد ئابدۇلئەزىز فالىھ رىيازدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ”ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسال نەپەس يولى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغدىنىش ئۈچۈن ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. داۋالاش خادىملىرىمۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك“. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسال نەپەس يولى كېسىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تېخى دۆلەت خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە ئايلانمىدى.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر