باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مەدىنەدە 13 يەردە ھاجىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«مەدىنە گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋىرى: مەدىنە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى شەھەر ئىچى ۋە ھەر تەرەپتىن مەدىنەگە كىرىدىغان يول ئېغىزلىرىدىن 13 يەرگە ھاجىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى تەسىس قىلدى، بۇ يەرگە 1074 كىشىلىك خىزمەتچى خادىم ۋە پىدائىينى ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا پەيغەمبەر مەسچىتى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا خادىملارنى كۆپەيتىپ، ھاجىلارغا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى مەدىنەنىڭ شەھەر ئىچىگە 5 يەردە مۇقىم قۇتقۇزۇش مەركىزى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەدىنەگە ھەر تەرەپتىن كىرىدىغانلار ئۈچۈن يەنە 4 مەركەز تەسىس قىلدى، مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتى، شېھىتلار قەبرىستانلىقى، مىقات مەسچىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىردىن قۇتقۇزۇش مەركىزى تەسىس قىلدى.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر