باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى: تۆگە قۇربانلىق قىلىش چەكلىنىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرى خالىد ئابدۇلئەزىز فالىھنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسال نەپەس يولى كېسەللىكىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ يىل ھەج مەزگىلىدە تۆگە قۇربانلىق قىلىش چەكلىنىدۇ ھەمدە قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىقى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ بولغان بولۇپ، كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىككى تەجرىبىخانا قۇرغان بولۇپ، بىرى ئەرافات تېغىدا، ئۇلار ھەج مەزگىلىدە نەپەس يولى كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر