باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورۇنباسار ۋەلىئەھدىسى: ھەج تاۋاپ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلار كەسكىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«مەدىنە گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورۇنباسار ۋەلىئەھدىسى، ھەج ئىشلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد بىن نايىف بىن ئابدۇلئەزىز تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى ھەج تاۋاپ قائىدىلىرىنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قەتئىي يول قويمايدۇ، ھەج تاۋاپ مەزگىلىدە ھەج تاۋاپ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھەرقانداق قىلمىشنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەج ئىشلىرى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بۇنىڭ تەييارلىقىنى تاماملىغان بولۇپ، ھاجىلارنىڭ بىخەتەر مۇھىتتا ھەج تاۋاپ قىلىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر