باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

رىيازدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ياتاقلىرى تاقالدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«سەئۇدى ئەرەبىستانى گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى بەرگەن خەۋىرى: مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى مۇنداق دېدى: ”ھۆكۈمەت دۆلەتلىك ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ياتاقلىرىنى تاقىدى، ياتاقتا ئاز دېگەندەك 46 ئادەم بولۇپ، مەزكۇر دوختۇرخانىدا نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خىزمەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ“.
سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر باشقارمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: 46 ئادەم رىياز پادىشاھ ئابدۇللا دوختۇرخانىسىدا يۇقۇملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرىدىن 15 كىشى بار، يەنە 20 كىشىنىڭ يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلمىدى. بۇ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ياتاقلىرىدىكى بىمارلار باشقا دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلدى ھەمدە ئىككى ھەپتە سىرتتىن ئايرىۋېتىلدى. نۆۋەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە ۋازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2012-يىلى كېسەللىك بايقالغاندىن ھازىرغىچە 480 كىشى ئۆلگەن. مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىگىچە مەزكۇر دۆلەتتە 1115 بىمار بايقالدى، 590 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، باشقا بىمارلار داۋالىنىۋاتىدۇ.
MERS ۋىرۇسى ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان بىر كۈن ئىچىدە بۇنداق كۆپ ساندا يۇقۇملانغان بىمارلار كۆرۈلۈپ باقمىغان.
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يىلدا بىر كېلىدىغان ھەج پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، چەت ئەلدىن مىڭلاپ مىليونلاپ ھاجىلار مەككىگە كېلىدۇ. ھەج مەزگىلىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى 2 مىليوندىن كۆپ ھاجىنى كۈتۈۋالىدۇ. ھاجىلار ئىسسىق چېدىردا ئولتۇرىدۇ ھەم مۇقەددەس يەرلەردە پائالىيەت قىلىدۇ. بۇ خىل مۇھىت MERS ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ۋىرۇسنىڭ جانغا زامىن بولۇش نىسبىتى 50 پىرسەنتكە يېتىدىغان بولۇپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ھەج قىلىدىغان ھاجىلارغا تېخى سالامەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشى بەرمىدى.  

(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى: ما جىن؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يەنە >>سۈرەتلەر