باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرى: 25 دوختۇرخانا، 5000 كېسەل كارىۋىتى ھاجىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج خىزمىتى تەييارلىق كومىتېتى مىنا دوختۇرخانىسىدا يىغىن ئاچتى. سەھىيە مىنىستىرى خالىد ئابدۇلئەزىز فالىھ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”ھاجىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىكى مەككە بىلەن مەدىنىدىكى ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىدا 25 دوختۇرخانا تەسىس قىلدى، 5000 كارىۋات ھاجىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ“. ئۇ خىزمەتچى خادىملارنى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە ھاجىلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى. 
يىغىندىن كېيىن سەھىيە مىنىستىرى ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىدىكى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە بارلىق دوختۇرخانا ۋە داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسال نەپەس يولى كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشى ھەققىدە گەپ بولغاندا ئۇ: ”سەئۇدى ئەرەبىستانى بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كېسەلنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلىدى، ئۆتكەن يىلدىلا چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى“ دېدى. «ئوكاز گېزىتى»نىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىكى مەككە-مەدىنىدىكى ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىغا ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن 24000 سەھىيە خادىمى ئەۋەتكەن بولۇپ، دوختۇر، سېسترا ۋە تېخنىك خادىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يەنە >>سۈرەتلەر