باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتىدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 21 بىمارنى تىزىملىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«سەئۇدى ئەرەبىستانى گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 21 بىمارنى تىزىملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 20 بىمار رىيازلىق، 1 بىمار ئەبھالىق. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ كېسەلگە قارشى تۇرماقتا. بۇ كېسەل بايقالغاندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 1072 كىشى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ساقايغانلار 588 كە يېتىپ، 54.8 پىرسەنتنى ئىگىلىدى، 25 بىمار ھازىرمۇ داۋالىنىۋاتىدۇ، 4 بىمار ئائىلىسىدە بېكىنمە ھالەتتە قالدۇرۇلدى.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى: رامىزان مىن جۈنچىڭ؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر