باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى 17مىڭ 700 دانە ئاپتوبۇس بىلەن 1 مىليون 300 مىڭ چەت ئەللىك ھاجىنى توشۇيدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«مەدىنە گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى: بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى 18 تىرانسپورت شىركىتى ھەج مەزگىلىدە 17مىڭ 700 ئاپتوبۇس بىلەن 1 مىليون 300 مىڭ چەت ئەللىك ھاجىنى توشۇيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1696 يېڭى ئاپتوبۇس بار. سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتناش تىرانسپورتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەھمەد ساباۋىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھاجىلارغا تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەج مىنىستىرى بەندەر ھىجار بۇ يىل يەنە ئۈچ شىركەتنىڭ چەت ئەللىك ھاجىلارنى توشۇشىنى تەستىقلىغان. بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ 150 ئاپتوبۇسى بار. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باياناتچىسى مەرۋان بىن راشىد زۇبەيرنىڭ ئېيتىشىچە، مەككە-مەدىنە ئارىلىقىدىكى سەپەر ۋە ھەج پائالىيىتى جەريانىدىكى قاتناشتا ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر يىلى بىر تۈركۈم كونا ئاپتوبۇسلار شاللىنىپ، ئورنىغا يېڭى ئاپتوبۇسلار سەپلىنىدىكەن.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر