باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

كەئبە يوپۇقىنىڭ 90 پىرسەنتى توقۇلۇپ بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى: كەئبە يوپۇقىنى توقۇش فابرىكىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ئابدۇللا باجۇدنىڭ بىلدۈرىشىچە، كەئبىنىڭ يېڭى يوپۇقىنىڭ 90 پىرسەنتى توقۇلۇپ بولغان. ھازىر كەشتىلەش ئاساسەن تاماملانغان بولۇپ، ھىجرىيە 12-ئاينىڭ باشلىرىدا تاپشۇرۇلىدۇ. كەئبە يوپۇقىنى توقۇش، بوياش، كەشتىلەش ئىشى بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بولۇپ، 150 خىزمەتچى بۇ ئىشقا قاتناشقان، يوپۇققا 700 كىلوگىرام خام يىپەك، 120 كىلوگىرام زەر ۋە كۈمۈش مەشۇت ئىشلىتىلگەن، جەمئىي 22 مىليون رىيال سەرپ قىلىنغان.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر