باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى: قانۇنسىز ھاجىلارنى توشۇغۇچى شوپۇرلار قاتتىق جازالىنىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«مەدىنە گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەج ۋىزىسى ئالمىغان ھاجىلارنى توشۇغۇچى شوپۇرلار بايقىلىپ قالسا قاتتىق جازالىنىدۇ. تۇنجى قېتىم بايقالسا 15 كۈن سولىنىپ، 10مىڭ رىيال جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە مەھكىمە شەرئىنىڭ ھۆكمى بويىچە ماشىنىسى تارتىۋېلىنىدۇ. ئىككىنچى قېتىم بايقىلىپ قالسا 2 ئاي سولىنىپ، 25مىڭ رىيال جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق بايقىلىپ قالسا 6 ئاي سولىنىپ، 50 مىڭ رىيال جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەگەر شوپۇر چەت ئەللىك بولۇپ قالسا جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە بەلگىلىك مۇددەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ.   
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر