باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مەككە-مەدىنە تۆمۈر يولىنىڭ ئاسفان بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى بۆلىكى پۈتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى: مەككە-مەدىنە تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاسفان بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى 350 كىلومېتىرلىق بۆلەك تاماملاندى. بۇ تۆمۈر يول رابىغ بىلەن پادىشاھ ئابدۇللا ئىقتىساد شەھەرچىسىدىن ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى غول يولغا 70 نەچچە كۆۋرۈك سېلىنغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سىناق قىلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تۆمۈر يول ئاسفان، زەھبان، رابىغ، پادىشاھ ئابدۇللا شەھەرچىسىدىن ئۆتۈپ بىۋاسىتە مەدىنىگە بارىدۇ، مەككىدىن مەدىنىگە 2 سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر