باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىكى: ھەج مۇلازىمىتى ئېلېكتىرون قانىلى ھاجىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۈسەيىن شېرىف تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەج مۇلازىمىتى ئېلېكتىرون قانىلى ھەج مۇلازىمىتىنىڭ ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى چەكلەپ، ھاجىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاھىدە مېھمانلار مۇلازىمىتىنى كونترول قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەج مۇلازىمىتى ئېلېكتىرون قانىلى ئارقىلىق ھەج مۇلازىمەت پىلانىنى تىزىملاتمىغان ئورۇن ۋە شىركەتلەر بۇ يىللىق ھەجگە تەشكىللەش رۇخسىتىگە ئېرىشەلمەيدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرون قانىلى ئۆمرە ھەج مۇلازىمىتىدىمۇ قوللىنىلغان بولۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە زور رول ئوينىغانىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا ھاجىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق قانال پىلانىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدۇ.
 (خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر