باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى چەت ئەلدىن كېلىدىغان ھاجىلارغا 300 مىڭ ۋىزا بېجىردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى: بۇ يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەج مۇلازىمىتى ئېلېكتىرونلۇق قانىلى ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ھاجىلارغا 300 مىڭ ۋىزا بېجىردى. ھەج مىنىستىرلىقى ئۆمرە ھەج مەسئۇلى، ئېلېكتىرونلۇق قانال پىلانى ۋە ئالاقە تېخنىكىسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسا رۇۋاسنىڭ بىلدۈرىشىچە، يانفون ئارقىلىقمۇ ھەج مۇلازىمىتى ئېلېكتىرونلۇق قانىلىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھەرقانداق ھاجى بۇ قانال ئارقىلىق شىكايەت قىلالايدۇ، ھەج مىنىستىرلىقىمۇ ھەج پائالىيىتى ئورنىدا نازارەت كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ. بۇ كومىتېت ھاجىلاردىن كەلگەن ئەرز-شىكايەت ۋە ھەج مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى 24 سائەت قوبۇل قىلالايدۇ ھەمدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، سانائەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر