باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سۇرىيە ھاجىلىرى تۆت دۆلەتتىن ۋىزا ئالىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى: بۇيىل 12 مىڭ سۇرىيەلىك ھەج قىلغۇچىلار ھەج تاۋاپ قىلىدۇ. ئۇلار تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە، مىسىر قاتارلىق تۆت دۆلەتتىن ۋىزا ئالىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلار 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۈركىيەدىن جىددە ئايروپورتىغا كېلىدۇ. سۇرىيەنىڭ مەككىدە تۇرۇشلۇق ھەج ئۆمىكى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، سۇرىيە ھەج ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتىن كېلىدىغان سۇرىيەلىكلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشىغا ۋە ھەج نامىدا سىياسىي پائالىيەت قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. ئەگەر كىمدە يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئۇنىڭ قىلمىشى چەكلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.
 (خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر