باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقى: ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«مەدىنە گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ھاجىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان بولۇپ، ئالدىن تەدبىر قوللىنىپ ئەرافات، مۇزدەلىفە، مىنا قاتارلىق ھەج پائالىيىتى ئورۇنلىرىدا ھەج مەزگىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەر تۈرلۈك داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە دورىلارنى سەپلىگەن. يېقىندا سەھىيە مىنىستىرلىقى ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پىلان كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، ھەج تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئىماد ئەلى زادالى، ھەج سەھىيە مۇلازىمىتى مەسئۇلى دوكتور ھۈسەيىن بىن ئابدۇللا قەينام، مەككە سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دوكتور مۇستافا بىلجۈن ۋە ھەج، ئۆمرە ھەج ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دوكتور مۇفاق مۇھەممەد ئەبۇتالىپ قاتارلىقلار ھەج تاۋاپ ئورۇنلىرىغا بېرىپ بارلىق داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.   
(خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئەمىن مەخمۇت؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر