باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

يەمەندىن 20 مىڭ كىشى ھەج قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-26   
«ئوكاز گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى: يەمەن ھەج ئىشلىرى مىنىستىرى مۇنىر مۇھەممەد دەبۋانىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەمەن خەلقى گەرچە ئۇرۇش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ يىل يەنىلا 20 مىڭ كىشى ھەج تاۋاپ قىلغىلى بارىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا، بۇ يىلقى سان 1000غا يېقىن كۆپەيگەن. بۇ سان يەمەندىكى 22 ئۆلكىگە تەقسىم قىلىندى. دەسلەپتە بارىدىغان ھاجىلار 9-ئاينىڭ باشلىرىدا، قالغانلىرى ھىجرىيە(1436) 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن مەككىگە بېرىپ بولىدۇ. يەمەنمۇ ھەج مۇلازىمىتى ئېلېكتىرون قانىلى ئارقىلىق 80 پىرسەنت ھاجىنى تىزىملاش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
   (خەۋەرلەرنى ئەرەبچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر؛ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
يەنە >>سۈرەتلەر