باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جاڭ چۈنشيەن ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-18   مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
17-ئىيۇل بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 22 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپى ئاشخانىسىغا كېلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار، ھەر مىللەت مۇسۇلمان خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ روزا ھېيتىنى ئالدىن تەبرىكلىدى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار ئاممىسى بىلەن ئىپتاردا بىرگە بولغاندا قىلغان سۆزى:
ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان دوستلار:
ئەتە روزا ھېيت. بۈگۈن كەچتە سىلەر بىلەن ئىپتاردا بىرگە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ خەيرىلىك ئاي، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن پاكلىنىدىغان، ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان، دىنىي ئەقىدىلەرنى مۇلاھىزە قىلىدىغان، ھېس قىلىدىغان مەزگىل، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان مەزگىل. بۇ يەردە مەن سىلەرنىڭ ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن!
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 60 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، بولۇپمۇ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت خەلقى ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ.
دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئاساسىي بەلگىلىمە. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەققانىيلىق، ئىززەت-ھۆرمەتنى بىرلىكتە قوغداپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقتى. بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دىنىي پائالىيەتلەر نورمال ئېلىپ بېرىلدى، مۇسۇلمانلار ئاممىسى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك تىنچ، خاتىرجەم بولدى. نۇرغۇن ئامما ئاپتونوم رايونىمىزدا دىن سىياسىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ، دېيىشمەكتە. بىز خۇشاللىق بىلەن يەنە شۇلارنى كۆردۇقكى، رامىزان مەزگىلىدە، بەزى مۇسۇلمانلار ئاممىسى بىمارلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زولۇق، ئىپتارلىق بەردى، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلدى، بەزىلەر ئازارلىشىپ قالغان كىشىلەر بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ياراشتى، گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىر-بىرىنى قۇتقۇزۇشقا دائىر نۇرغۇن تەسىرلىك ئىشلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى. كۆپچىلىك بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ، جەمئىيەت ۋە باشقىلار ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا بىرلىكتە ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچنى تارقاتتى، بۇنداق روھنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھازىر، دۇنيادىكى بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ، كىشىلەر سەرسان-سەرگەردان بولماقتا، ھاياتلىقمۇ كاپالەتكە ئىگە بولالمايۋاتقان بۇنداق جايلاردا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ كاساپىتى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى مالىمانچىلىق ـــ بالايىئاپەت، مۇقىملىق ـــ بەخت-سائادەت دېگەن قائىدىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى توسۇشى كېرەك.
ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىن، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز ۋەتىنى بولىدۇ. ئىسلام دىنى «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ، دىننىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى بىلەن مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى رول ئوينىشىنى، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇپ، ئالدى بىلەن قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇشىنى، شۇنداقلا يەنە توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزىدىغان، توغرا يولدا ماڭىدىغان ياخشى ئېتىقادچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان دوستلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى «ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش» ئېسىل ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىسلام دىنى «تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق»نى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن. «قۇرئان كەرىم»دە: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق» (49-سۈرە، 13-ئايەت) دېيىلگەن. بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ مەنبەسىنىڭ بىر ئىكەنلىكى، شۇڭا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىك، كۆپ مەنبەلىك بولۇشى بىزنىڭ ھەم ئالاھىدىلىكىمىز، ھەم ئەۋزەللىكىمىز ھېسابلىنىدۇ. مىللەتلەر زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان دوستلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى، كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىنى، ھەرقانداق رەزىل كۈچنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىسلام دىنى «ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت»نى تەشەببۇس قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارغا «ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن» (28-سۈرە، 77-ئايەت) دەپ تەلەپ قويۇلۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار دىنىي ئەمەللەرنى ياخشى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ دۇنيادا تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلغان. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان دوستلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى «ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت» ئېسىل ئەنئەنىسىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر جۈپ قولى ئارقىلىق گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشىنى، تۇرمۇشىنىڭ يىلدىن يىلغا ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا يەنە مۇبارەك بولسۇن!
 
يەنە >>سۈرەتلەر