باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇسۇلمان ئامما قانۇن نورمال دىنىي پائالىيىتىمىزنى قوغدايدۇ، دېدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-13   مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
لى شىڭ، يۈەن لېي، خاسىيەت جۈمە، خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر قىسىم ئامما 11 – ئىيۇل ئايرىم – ئايرىم رامىزانلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، رامىزانلىق تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ۋە رامىزانلىق تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ‹‹شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن›› دېگەن ئىغۋاغا رەددىيە بەردى.
ئىسلام كالىندارى بويىچە 2015 – يىلى 18 – ئىيۇندىن 17 – ئىيۇلغىچە رامىزان. بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈن چىقىشتىن كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا يېمەكلىك يىيىشى ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچىشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ‹‹روزا تۇتۇش›› دېيىلىدۇ. رامىزان مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ قۇتلۇق، ئىناق ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئاي، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشى قەلبىنى تازىلىغانلىق ۋە پاكلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسچىتىدە، تەكلىپكە بىنائەن كەلگەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئۆزلىرىنىڭ رامىزاندىكى تۇرمۇشى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بەس – بەستە سۆزلەشتى.
ئابلەت قۇربان مۇنداق دېدى: روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت مۇسۇلمانلارغا ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىقنى ھېس قىلدۇرۇش، بىز روزا تۇتۇش ئارقىلىق تېخىمۇ تېجەشچان بولىمىز ۋە ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيمىز. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، رامىزانلىق پائالىيەتلىرىمىز تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئىپتارلىقىمىز مول، نامازنى خاتىرجەم ئوقۇۋاتىمىز.
تۇرغۇن ھاجى مۇنداق دېدى: ئاڭلىشىمچە، قىسمەن يامان نىيەتلىك كىشىلەر خەلقئارادا ‹‹جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويماپتۇ، مەسچىتلەرنى تاقاپ ناماز ئۆتىگىلى قويماپتۇ›› دېگەندەك پىتنە – ئىغۋالارنى تارقىتىپ يۈرۈپتۇ، بىز بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندۇق. ھازىر رامىزان مەزگىلى، ھۆكۈمەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. سەھىيە تارماقلىرى مەسچىتلەرگە قەرەللىك كېلىپ مەسچىت ئاشخانىلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە تازىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق تاماقلارنىڭ تازىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. قاتناش ساقچىلىرى كۈندە مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىدا ۋاقىتلىق ماشىنا توختىتىش ئورنى تەييارلاپ، ناماز ئۆتەيدىغان مۇسۇلمانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ تىنچ مۇھىتتا ناماز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.
قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى ئاپئاق خوجا مازىرى جامە مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن ئامما پىتنە – ئىغۋاغا رەددىيە بەردى.
ئابلىمىت ئوسمان مۇنداق دېدى: دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى مەسچىتكە كىرگۈزمەيدىغان ئىش ئەزەلدىن بولۇپ باقمىدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش – قىلماسلىق ھەممىمىزنىڭ ئەركىنلىكى. مەيلى بىز كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇيلى، رامىزاندا روزا تۇتايلى ياكى ھەج – تاۋاپ قىلايلى، ھەممىسىنى قانۇن قوغدايدۇ، بىزگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمىدى. ئەگەر شۇ پىتنە – ئىغۋانى تارقاتقانلار ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسا ئىدى، ھەرگىز بۇنداق كەلسە – كەلمەس بىلجىرلىمىغان بولاتتى.
ئابلەت مەمەت مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن، نۇرغۇن قولايلىق يارىتىپ بەردى. بۇزۇلغان مەسچىتلەرنى رېمونت قىلىپ، قىسمەن مەسچىتلەرنى كېڭەيتىپ سېلىپ، مۇھىت ۋە شارائىتنى تېخىمۇ ياخشىلاپ بەردى، ھەتتا مەسچىت ئەتراپىدىكى يوللارغا ئاسفالت ياتقۇزۇپ، يول چىرىغى ئورنىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.
يەنە >>سۈرەتلەر