باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي زاتلار: ‹‹رامىزاندا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى›› دېگەن پۈتۈنلەي ئىغۋا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-13   مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
رەناگۈل خۇدابەردى، خەن شىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئىيۇل ئەتىگەندە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دىنىي زاتلار شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىگە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دىنىي زاتلار قەشقەر ھېيتگاھ جامئەسىگە يىغىلىپ، رامىزاندىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنىي پائالىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغانلىقى، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدىغانلىقى توغرىسىدا بەھۇزۇر سۆھبەتلەشتى ھەم ئاتالمىش ‹‹رامىزاندا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى›› دېگەن ئىغۋاغا رەددىيە بەردى.
سۆھبەت جەريانىدا، دىنىي زاتلار ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى رامىزان پەرھىزلىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىپ، رامىزاننىڭ ئەھمىيىتى، مەقسىتى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە ھەقىقىي مەنىسىنى يېشىپ بەردى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خانتەڭرى مەسچىتىنىڭ ئىمامى نۇرمۇھەممەت ھاپىز مۇنداق دېدى: قانداق كىشىلەرنىڭ روزا تۇتسا بولمايدىغانلىقى ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئېنىق كۆرسىتىلگەن. يەنى، ‹‹قۇرئان كەرىم››دە روزا تۇتىدىغانلار چوقۇم يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشى، گۈزەل سۆز – ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى، غەيۋەت – شىكايەتتىن نېرى بولۇشى، يامان غەرەزدە بولماسلىقى ھەمدە تۆھمەتخورلۇق، ئىغۋاگەرچىلىك، بوھتان چاپلاش، يالغانچىلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى شەرت قىلىنغان. يېقىندا بەزى يامان غەرەزلىك كىشىلەر ‹‹رامىزاندا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى›› دېگەن ئىغۋانى تارقىتىپ يۈرۈپتۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئىغۋا. ئۇلارنىڭ بۇ ئىغۋالىرىنى خۇدامۇ راۋا كۆرمەيدۇ. رامىزان مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يېمەكلىك تازىلىقىنى تەكشۈرۈش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، رامىزان مەزگىلىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار. قەشقەر شەھىرىدىكى چاپان بازار مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئەبەيدۇللا مۇھەممەت مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدا روزا تۇتقۇسى بارلار تۇتىۋاتىدۇ، تۇتقۇسى يوقلار تۇتمايۋاتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى روزا تۇتۇڭلار ياكى تۇتماڭلار دەپ زورلىغىنى يوق، ناماز ئوقۇش پائالىيەتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، مەسچىتلەرمۇ تاقالمىدى، بىز نورمال دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بەزىلەرنىڭ رامىزاندا ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ›› دېگەن ئىغۋانى تارقىتىشى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولغان، بىز ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىغۋالىرىنى پاش قىلىشىمىز كېرەك.
دىنىي زاتلار بىردەك مۇنداق دېيىشتى: بىز پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىغا پائال ياردەملىشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىككە، ئىغۋا تارقاتماسلىققا يېتەكلەيمىز. نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ساھەنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، دىنىي زاتلار بىرلىكتە مۇنداق دۇئا قىلىشتى: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللەپ – ياشنىسۇن، ئاپتونوم رايونىمىز تىنچ – ئامان بولسۇن!
 
يەنە >>سۈرەتلەر