باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر رامىزاننىڭ تىنچ، ئاسايىشلىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-13   مەنبەسى:تىيانشان تورى
 شېن ياپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى مەزگىللەردە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم چوڭ مەسچىتلەر ئەتراپىدا قاتناش ساقچىلىرى ھەر كۈنى سائەت بىر، ئىككىلەرگىچە دىجورنىلىق قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيىتى ئۈچۈن ياخشى قاتناش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. رامىزان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ رامىزاننى تىنچ، ئاسايىشلىق ئۆتكۈزىشىگە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
رامىزان كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر رامىزانلىق لايىھەنى پائال پىلانلاپ ۋە بېكىتىپ، بىرلىكسەپ، مىللەتلەر – دىن ئىشلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، شەھەر قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك، سەھىيە قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملارنى مەسچىتلەرگە كىرىپ رامىزانغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى ھەم تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ۋە ‹‹ئىپتارلىق››نى سەھىيە كارانتىن قىلىش تۈزۈمىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ياكى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.
رامىزان مەزگىلىدە، قاتناش، مىللەتلەر – دىن ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار مەخسۇس خادىم ۋە ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ‹‹تاراۋى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. مەسچىتلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇش كومىتېتى تەشكىلاتلىرى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قىسمەن ئەزالار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى مەسچىتنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسچىتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ياخشى پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىچى – تېشىنى تازىلاپ رەتلىدى؛ بۇلاقتاغ رايونى ليۇداۋەن مەسچىتىگە تېلېۋىزور قاتارلىق سىنلىق ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇردى؛ مەسچىت ئەتراپىدىكى يوللارنى ئىگىلىۋالغان تىجارەتچى، يايمىچىلارنى تەرتىپكە سالدى.
رامىزان كىرىشتىن ئىلگىرى، بۈگۈر ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى رامىزاندىن ئىلگىرى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان قىسمەن ئاممىدىن تەكلىپ – پىكىر ئېلىپ، ياشتا چوڭىيىپ قالغان، سالامەتلىكى ناچار دىنىي زاتلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى ھەم ئاپىرىپ، ئەكىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ۋە ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇردى.
ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت رامىزان مەزگىلىدە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چىرىغى، يوللارنىڭ راۋانلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ساقلاندى. 1174 كادىر پۈتۈن ناھىيەدىكى 600 دىن ئارتۇق مەسچىت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ يىل رامىزان ‹‹يازنىڭ ئۈچ ئىشى››نىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە توغرا كەلدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئاشلىق پونكىتلىرىنىڭ كېچە – كۈندۈز ئوچۇق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئاشلىق سېتىپ بېرىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى مۇمكىنقەدەر ئازايتىپ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ رامىزاندىكى تۇرمۇش يۈكىنى يېنىكلەتتى.
غۇلجا شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قىسمەن ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەردىكى چۈشەنمىگەن، بىلمىگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دىنىي ساۋات قىزىق لىنىيەسى ئېچىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ مۇۋاپىق، قانۇنلۇق ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇردى.
 
يەنە >>سۈرەتلەر