باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

يۈ جېڭشېڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چاغانلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-02-27   
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى.
 يۈ جېڭشېڭ ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا دىن خىزمىتى ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، دىنىي مۇناسىۋەت ئىناق بولدى. ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلار ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلاش، جەمئىيەت پاراۋانلىقى خەيرى-ساخاۋىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئېتىقادچى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
 يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق دىن خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دىن خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دىن خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ دىن خىزمىتىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا قانۇنلۇقنى قوغداپ، قانۇنسىزلىقنى توسۇپ، ئەسەبىي كۈچلەر ۋە سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرغىلى، جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
 يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىنىي خىزمەتنىڭ ماھىيىتى ئاممىۋىي خىزمەت، چوقۇم ئاممىۋىي خىزمەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. مەن ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ۋە شەكىلدە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا قارىتىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئامما بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، مۇلازىمەت قىلىپ، ئېتىقادچى ئاممىنى دىنىي پائالىيەتنى ياخشى ئۆتكۈزۈشگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ دىنىي قائىدە، دىن ئەقىدىلىرىگە قارىتا جەمئىيەت تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىزاھاتلارنى بېرىپ، ئىجابىي، ساغلام مەزمۇنلار بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا يېتەكلەش كېرەك.
 يۈ جېڭشېڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى خېلى زور دەرىجىدە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇش سەۋىيەسىگە باغلىق. دىنىي تەشكىلاتلار توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە تىڭ تۇرۇش ئاساسىدا دېموكراتىك باشقۇرۇش، ئېتىقادچى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئامما ئارىسىدىكى تەسىرىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق، پىلانلىق ھالدا دىنىي رەھبەرلىك ئىختىساسلىقلىرى ۋە تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك.
 يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ دىنىي خىزمەتلەردىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ياخشىلاپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پائال قوللاپ، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت يارىتىشقا تېرىشىش كېرەك. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەمدىشىسىنى تۈگىتىپ، كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنىڭ بايرامنى خۇشال ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. (تەرجىمە قىلغۇچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر