باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ليۇ يەندوڭ دىن ئىشلىرى نىزامىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-02-16   
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يېقىندا بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارغا بېرىپ، «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالار ئېڭى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. دىن ساھەسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوغداپ، پائال ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىشى كېرەك. دىنى تەشكىلاتلار ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشكە، ساپاسىنى كۈچەيتىشكە، ئوبرازىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەتەننى دىننى سۆيۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. دىن، دىنىي ئەقىدىدە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجابىي ئامىلنى قېزىپ ۋە نۇرلاندۇرۇپ، دىن بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېتىقادچى ئاممىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ليۇ يەندۇڭ يەنە ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت سورۇنىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىغا چاغانلىق سالام يوللىدى.

 

يەنە >>سۈرەتلەر