باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭ، نىڭشيادىكى مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18   
 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى
29-ئىيۇل مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى روزا ھېيت، شىنجاڭ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق ئون مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمان ئاممىسى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ھېيتنى تەبرىكلىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىدە 29-ئىيۇل سەھەردە شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار ھەر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھېيتگاھ مەسچىتىگە يىغىلدى. ئەتلەس كۆينەك كىيىشكەن ئۇيغۇر قىزلار ۋە دوپپا كىيگەن يىگىتلەر كوچىلارغا چىقىپ، ھەممە جاينى ھېيت شادىيانىسى قاپلىدى.
ھېيتلىق بازاردىكى قوي گۆشى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئالدىنقى ھەپتىدىن تارتىپ، ئۇدا بەش كۈن پۈتۈن شىنجاڭدىكى 184 تارقىتىش نۇقتىسىغا 800 توننىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس قوي گۆشىنى سالدى. ھەر خىل قەنت-گېزەك، پېچىنە-پىرەنىك، نان قاتارلىق ھېيتلىق يېمەكلىكلەرمۇ شۇ جايدىكى بازارلار ياكى تاللا بازارلىرىغا توشۇپ كەتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ھېيتقا بىر كۈن قويۇپ بېرىلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەقلىق تاشيوللارمۇ كىچىك ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى ئالمىدى.
نىڭشيادا، ئىككى مىليون 200 مىڭ خۇيزۇ مۇسۇلمان ھېيتنى تەبرىكلىدى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بىر كۈن قويۇپ بەردى، يەنە ھېيتلىق دەم ئېلىشنى تەڭشەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتلىشى ۋە سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.
 
يەنە >>سۈرەتلەر