باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

بىرىنچى تۈركۈمدىكى ۋەز-تەبلىغلەر توردا ئېلان قىلىندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18   
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2014-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا رەسمى ئېچىلدى. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوللىنىدىغان مۇسۇلمانلار بۇ تور بېتى ئارقىلىق ئىسلام دىنى بىلىملىرى ۋە دىنىي سىياسەت-نىزاملاردىن تېز ھەم ئاسان خەۋەردار بولالايدۇ، مەزكۇر تور بېتى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى كېڭەيتتى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇھتەرەم شېرىپ سۆزلىگەن (ئۇيغۇرچە) « ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى_ روزا تۇتۇش» ناملىق ۋەز-تەبلىغ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيغۇرچە تور بېتىدە ئېلان قىلىندى، رامىزان شەرىف ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ تەبلىغ رايونىمىزدا تورغا ئاشكارا چىقىرىلغان، شەرىئەت توغرا چۈشەندۈرۈلگەن تەبلىغ ھېسابلىنىدۇ.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، تورغا چىقىرىلغان بۇ تەبلىغلەر سەككىز دىنىي زاتنىڭ ئالتە تېمىنى چۆرىدەپ سۆزلىگەن تەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى بۇ تەبلىغلەرنى سۈرەتكە ئېلىش، ئىشلەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى. بۇ تەبلىغلەر تۆۋەندىكىچە: ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر (پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئۆگىنەيلى)» ناملىق تەبلىغى (ئۇيغۇرچە)؛ ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇھتەرەم شېرىپنىڭ «ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى_ روزا تۇتۇش» ناملىق تەبلىغى (ئۇيغۇرچە)؛ ئالتاي چىڭگىل ناھىيەسى تاشقىن بازىرى مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەقسەت قابىدىننىڭ ««ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر (پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئۆگىنەيلى)»ناملىق تەبلىغى (قازاقچە)؛ شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدەررىسى مۇھەممەد ئىسمائىلنىڭ « روزا ھېيتنى ئىتتىپاق، خۇشال ئۆتكۈزەيلى» ناملىق تەبلىغى(ئۇيغۇرچە)؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسى تولى بازىرى ياڭچۈەنگو قازاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇتەللەپ شايىمەرداننىڭ «روزا ھېيتنى ئىتتىپاق، خۇشال ئۆتكۈزەيلى» ناملىق تەبلىغى (قازاقچە)؛ قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇقادىر ساۋۇتنىڭ «ھالال بىلەن ھارام ئۈستىدە خالىغانچە ھۆكۈم چىقارمايلى» ناملىق تەبلىغى(ئۇيغۇرچە)، بايىنغولىن ئوبلاستى قاراشەھەر ناھىيەسى چوڭ بازار مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابلەت مۇھەممەتنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى» ناملىق تەبلىغى (ئۇيغۇرچە)؛ ئۈرۈمچى ئاق مەسچىت ئىمامى ئابدۇشۇكۈر رەھمىتۇللانىڭ « ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ» ناملىق تەبلىغى. بۇ تەبلىغلەرنىڭ ھەممىسى تورغا چىقىرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە بېتىنىڭ ئېچىلىشى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ مۇسۇلمان ئاممىنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەش، ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئازغۇنلۇققا خاتىمە بېرىش، خاتا چۈشەنچە ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى توسۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (T3)

يەنە >>سۈرەتلەر