باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ئىسلام تور بېتى ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18   

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تور بېكىتى خەۋىرى: دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ئىسلام تور بېتى−جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە بېتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا رەسمىي ئېچىلدى. مەزكۇر تور بېتىدە “خەۋەر ۋە ئۇچۇر”، “دىن ۋە ھايات”، “دىن ۋە مەدەنىيەت”، “ئائىلە ۋە جەمئىيەت”، “ۋەز-تەبلىغ” ۋە “قانۇن-نىزام” قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ماقالە، سۈرەت ۋە ۋىدېيو شەكلى ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئاساسلىق بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا ۋە توغرا ئىش ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدۇ.

تور بېتى ئېچىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى. ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئامما تور بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى يېڭى مىدىيا ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشقانلىق بولۇپ، مۇسۇلمان ئاممىغا خىزمەت قىلىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنى سىياسەت ۋە دىنى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش، مۇسۇلمان ئاممىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەش، ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەقىقەتنى قوغداپ ئازغۇنلۇقنى چەكلەش، خاتا چۈشەنچە ۋە بىر تەرەپلىمىلىكنى يۇقۇتۇش، دىنىي ئەسەبىيىلىكنى چەكلەش، زوراۋان تېرورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دىنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدى.(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)(4T)

يەنە >>سۈرەتلەر