2021-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى، يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، كۆپچىلىكنى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى. جەمئىيەت رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن ۋە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ سۆز قىلىپ ئۆگىنىش تەسىراتىنى بايان قىلدى.
كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئەمدىلا يېپىلغان مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەمدىلا يېپىلىشى قاتارلىق مۇھىم تارىخىي تۈگۈنگە توغرا كەلدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە دىنىي ساھەدىكى زاتلارغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھاملاندۇق ۋە ھاياجانلاندۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دىن خىزمىتىدىكى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، بولۇپمۇ“توققۇز جەزمەن”دە يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيە سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ توغرا يۆنىلىشتە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشتىن ئىبارەت بۇ توغرا يولدا قەتئىي مېڭىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئىسلام دىنىي پەن ئىدىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئۆزىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، “تۆت ئاڭ”نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، “تۆت ئىشەنچ”نى چىڭىتىپ، “ئىككىنى قوغداش”نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
(مەنبە:جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)