باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنىدا پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-12-03   

2021-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى سىن شەكلىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىنغا مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ئۈچ ئۆزلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شۈ شياۋخۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يەن جۆ، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى گۇاڭفۇ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فاڭ شىڭياۋ، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېي، جۇڭخۇا خىرىستىيان دىنى ئايال ياشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى جاۋ جىڭۋېن سۆز قىلدى.

يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئاچقان بىر قېتىملىق ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارار» دا، پارتىيە بېسىپ ئۆتكەن 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى نۇقتىلىق شەرھلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيۋىلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ جەزمەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، تەشكىلاتنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشباش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىئۈچنى سۆيۈشباش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشنىئۈچنى سۆيۈش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنىئۈچنى سۆيۈش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ گەۋدىلىك مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىككىنى بېكىتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنىئۈچنى سۆيۈشباش تېما تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتەك قەتئىي ئېتىقادنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش، دىننىڭ ئۆز تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىش تارىخىي لوگىكىسىغا ئۇيغۇن، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن. دىن ساھەسىدىكىلەر يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە تارىخىي ئاڭلىقلىق بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق دىنغا سىڭىپ كىرىپ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىندىكى پاسسىپ، قالاق مەزمۇنلارنى تۈگىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىقجۇڭگوسىزلاشتۇرۇشجۇڭگوچىلىشىشقا قارشى تۇرۇش”خاھىشىنى توسۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى مۇستەقىل،ئۆزئالدىغاباشقۇرۇشيولىداقەتئىي مېڭىشىكېرەك. دىنىيتەشكىلاتلارنىڭئۆزقۇرۇلۇشىنىچوڭقۇرئىلگىرىسۈرۈشكېرەك.دىنىيساھەدىكىلەر100يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا مول ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي قائىدە، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنىي خادىملارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى دىنىي ئىستىل بەرپا قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندامۇنۇلارتەكىتلەندى: دىنىي ساھەدىكىلەر پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئىجابىي ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەتتە تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرى، باش كاتىپى (باش ئىش بېجىرگۈچىسى) ۋە جۇڭخۇا خىرىستىيان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى، ئايال ياشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 (مەنبە:统战新语، رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر