باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-30   

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئاخۇن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. سۆھبەت يىغىنىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ما ۋېنيۈن، ئادىل ھاجى كېرەم، مۇ كېفا، جىن خۇڭۋىي، جىن رۇبىن قاتارلىقلار قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، بوران-چاپقۇنلۇق يۈز يىللىق مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھايات-ماماتلىق سىناقلىرىدا پولاتتەك تاۋلاندى؛ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان يۈز يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشتا ئۇزاققىچە مۇستەھكەم تۇردى. يۈز يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمان ئامما پارتىيەنى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى چىن دىلىدىن ئاڭلاپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ۋە گۈللىنىشنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلىرىدا، باشتىن-ئاخىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى پارتىيەنى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلدى، پارتىيەگە چىن دىلى بىلەن ئەگەشتى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلدى.

ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: تارىخقا نەزەر سالساق، مۇسۇلمانلار پارتىيە بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمسەپەر بولدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، مۇسۇلمانلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى مۇساپىگە قەھرىمانانە ئىلگىرىلىمەكتە. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق مەرىكىسىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش جەريانىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى چۈشىنىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىراپ قىلىشنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىنى چوڭقۇر تۇرغۇزۇش؛ ئىككىنچى، جۇڭگوچە دىنىي پەن ئىدىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھازىرقى زامان جۇڭگو تەرەققىياتى-ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان رەۋىشتە شەرھلەش؛ ئۈچىنچى، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ قانۇنچىلىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن-قائىدە بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇش؛ تۆتىنچى، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي خىزمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلاپ، ئىسلام دىنى تەشكىلاتىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خاتىرجەم بولىدىغان، مۇسۇلمان ئامما رازى بولىدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمان ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسىدە كۆۋرۈكلۈك رىشتە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدىغان يېڭى دەۋردىكى ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما ۋېنيۈن، مۇ كېفا، جىن خۇڭۋىي، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ گۈەنجۈن، تيەنجىن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما چېڭدې، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈنفىڭ، يۈننەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى دەي جۈنفىڭ، گۈيجۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى گۇي شىجياڭ ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ خۇڭجۈن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: يۈز يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىر-بىرىدىن ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ تۆھپە ياراتتى. پارتىيەنىڭ يۈز يىلى، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل، خەلق ئاممىسى بىلەن بىر دىل، بىر نىيەتتە بولغان، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغان يۈز يىل بولدى. تارىخ كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولمىغان بولسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىدى ھەم يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىماقتا.

ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈرۈشتى: ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى ياخشى دېگەن دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە پائال ئاتلىنىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنى باش تېما قىلىنغان ھۆسنخەت-رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، جانلىق قەلەم ماھارىتى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق مەرىكىسىگە بولغان تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

(گو يۇڭبو، ما دەن خەۋىرى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر