باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى 2016-يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-30   

6-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىدە 2016-يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، 17 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئالاقىدار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلىجان ئىنايەت، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ ئىنلىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، سۇڭ ئىنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمغا 2016-يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ بارلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى، 2017-يىللىق، 2019-يىللىق، 2020-يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋە سىنىپ مەسئۇللىرى بولۇپ 70تىن ئارتۇق كىشى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ما جۇڭپىڭ ئالدى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم رەئىس ياڭ فامىڭغا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىگە ۋاكالىتەن، مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىنى قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرىدىكى غەمخورلۇقىغا، قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى، 2016-يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدىكى 17 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوڭۇشلۇق مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ما جۇڭپىڭ جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تا ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان شىنجاڭ تولۇق كۇرس مائارىپى ۋە دىنىي خادىملار كۇرسى، شىنجاڭ ئۈچۈن ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكىدەك تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىرنەچچە تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى توغرا بولغان سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، “سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان ۋە ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان” لاياقەتلىك ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئېلىجان ئىنايەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەربىيەسىگە بولغان سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمىتى ۋە تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىقلاردا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

ئاخىرىدا، مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئالاقىدار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىنى قوبۇل قىلغاندىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەم سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي ئېگىزلىك، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىش قاتارلىق بىر نەچچە تەرەپتىن بارلىق شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۈمىدىنى ۋە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۆز قىلدى ھەم ئانا مەكتىپىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى، ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. مۇراسىمغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن دىپلوم ۋە ئۇنۋان كېنىشكىسى تارقاتتى.

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى شىنجاڭ سىنىپى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىئۆتكۈزۈلدى، سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئالاقىدار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى، نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرى ۋە كېيىنكى قەدەمدە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

 

(بەي رەننا خەۋىرى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر