باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنى 16-قېتىملىق يىغىن ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-18   

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنى شاڭخەيدە 16-قېتىملىق يىغىن ئاچتى. يىغىننىڭ باش تېمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش. يىغىنغا ھەرقايسى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، جەمئىيەتتە تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرى، باش كاتىپى(باش ئىش بېجىرگۈچىسى)ۋە جۇڭخۇا خىرىستىيان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى، ئايال ياشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. يىغىنغا مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ئۈچ ئۆزلۈك ۋەتەننى سۆيۈش ھەرىكىتى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شۈ شياۋخۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يەن جۆ، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لې گۇاڭفۇ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ئېپىسكوپ رىياسىتىنىڭ رەئىسى ما يىڭلىن، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋىي، جۇڭخۇا خىرىستىيان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋۇ جيەنرۇڭ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە ھېس قىلغانلىرى توغرىسىدا ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەشتى، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتىكى قىزغىنلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان توغرا يولدا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: يۈز يىللىق غايەت ھەيۋەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ يول ئېچىپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى باشلاپ، ئۇلۇغۋار روھنى تاۋلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىيات تارىخىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىيات تارىخىدا ھەيران قالارلىق مۆجىزە ياراتتى. تارىخ كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولمىغان بولسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىدى ھەم يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ.

يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ماركىسىزىملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى، فاڭجېن-سىياسىتىنى شەكىللەندۈردى، دىنىي ساھەدىكىلەر بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سىپىنى قۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان توغرا يولنى تېپىپ چىقتى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بولمىغان بولسا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ ئورتاق ھىمايىسىگە ئېرىشكەن دىن سىياسىتى بولمىغان بولاتتى، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بولمىغان بولسا، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناق ئۆتۈشىدەك ياخشى ۋەزىيەت بولمىغان بولاتتى.

يىغىن قاتناشچىلىرى مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىق مەرىكىسىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، دىنىي ساھەدە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى ھەر قايسى دىنىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى، فاڭجېن-سىياسىتىنى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيەۋى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سىياسىي ئىلغارلىققا ئىنتىلىش، دەۋر مارشىغا يېتىشىپ مېڭىش. ئىككىنچى، ئۆز-ئۆزىنى ئۆزگەرتىش تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زور مەسئۇلىيەت ھېسابلاپ، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى تۈرتكىنى قوزغىتىپ، ئىسلاھات روھى بىلەن دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، سىرتتىن ئىچىگە يىلتىز تارتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دىنىي قائىدە-تۈزۈملەرنى تولۇق مۇكەممەللەشتۈرۈش، دىنىي قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دىن ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن توغرىلاش، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش، ئىستىلى پاك، مۇھىتى دۇرۇس بولغان ياخشى دىن ئىچى ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنچىلىشىش، تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

 

(مەنبە:مەركىزى بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئۈندىدار سۇپىسى(tongzhanxinyu) دىن ئېلىندى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر