باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى “چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىسلام شۆيۈەنى يېڭىدىن تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىدا ئالدىن تەربىيەلەش”خىزمىتى كۇرسىنى غەلىبىلىك تاماملىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-18   

ۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى چىڭخەي ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ يېڭىدىن تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما شيۇچىن ۋە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ 13 كىشى بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى رەھبەرلىرى تەربىيەلەش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى كۇرس مەزمۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى، “لېكسىيە، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆزدىن كەچۈرۈش، دەرس ئاڭلاش، سىناق دەرس سۆزلەش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش” قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولغان يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

تەربىيەلەش شەكلىدە ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلدى. دەرسخانا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىي 11 سائەت-قېتىم دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتنىڭ پىروفېسسورلىرى، تەكلىپلىك پىروفېسسورلار، لېكتورلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 13 ئوقۇتقۇچى دىنىي ئەقىدە، قۇرئان تەپسىرى، ھەدىس، فىقھە، دىنىي پەن نەزەرىيەسى، ئەرەب تىلى قاتارلىق 6 پەن بويىچە دەرس ئۆتتى. چىڭخەي ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى دىنىي ئەقىدە، قۇرئان تەپسىرى، ھەدىس، فىقھە، ئەرەب تىلى قاتارلىق 5 پەن بويىچە 9 سائەت-قېتىملىق سىناق دەرسلىك سۆزلەش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى. كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ۋە سىناق دەرسلىك سۆزلەنگەن سىنىپلار ماگىستىر ئاسپىرانتلار سىنىپى، مەملىكەتلىك تولۇق كۇرس سىنىپى، شىنجاڭ سىنىپى، ئىماملار تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى سىنىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى كۇرس جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش پەسلىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەملىكەتلىك تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ باكلاۋۇرلىق دىسسېرتاتسىيەسى ياقىلىشىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

12 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى كۆزلەنگەن نىشان ۋە ئۈنۈمگە يەتتى، كۇرسانتلار كۇرس ئارقىلىق ئىسلام شۆيۈەنى مائارىپى، ئوقۇتۇشىغا بولغان نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى، ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىقتىدارى، ئوقۇتۇش تەپەككۇرى ۋە تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىدا ھالقىش خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىمۇ جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى بىلەن يەرلىكتىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە مەنبەدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلاردا پايدىلىق تەجرىبە بولۇپ قالدى.

(ياڭ جىجۇڭ خەۋىرى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر