باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 2021-يىللىق خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىسلام دىنىي خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-16   

خۇبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، 2021-يىللىق خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىسلام دىنىي خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 كۇرسانت تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

 مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى دەرسلىكلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى. مەركىزى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىپ باش شۇجى شى شىجىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى، پارتىيە تارىخى، جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالايلى، جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەز-تەبلىغنى ياخشى سۆزلەيلى، ئىسلام دىنى بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاقىسى ۋە يۇغۇرۇلۇشى، ئىسلام دىنى ۋە خەلقئارالىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق دەرسلەر ئۆتۈلدى، ئۈنۈمى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولدى.

كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى، بۇ قېتىمقى كۇرس ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشقا بولغان تونۇشىمىز يەنىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇرلاشتى، يېڭى دەۋردە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمەت ئىقتىدارىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، يېڭى ۋەز-تەبلىغنى قايسى تەرىقىدە سۆزلەش جەھەتتە يېڭى پىكىر يولى ئېچىلىپ، نەزەر دائىرىمىز يېڭىدىن كېڭىيىپ، پۇختا ئاساس تۇرغۇزۇلدى.

كۇرس مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە خۇبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى بىرلىكتە، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 2021-يىللىق خۇبېي ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش تېمىسىدىكى يېڭى ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللىدى، كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ دىن خىزمىتى ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى توغرىسىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

كۇرس مەزگىلىدە، كۇرسانتلار يەنە شىياڭشەن شۇاڭ چىڭ داچىسىغا بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك  تەربىيەسى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

(ياڭ خۇييىڭ خەۋىرى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر