باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى 8-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 4-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-11   

2021-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى چېڭدۇدا 8-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 4-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى. ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى بۇددا دىنى، داۋجىياۋ دىنى، ئىسلام دىنى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى يىغىنغا يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئۆلكىلىك پارتىكوم 11-نۆۋەتلىك 8-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يىغىن روھى يەتكۈزۈلدى، يىغىندا «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»، «دىنىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»، «سىچۈەن ئۆلكىلىك دىنىي ئىشلار نىزامى» تولۇق ئۆگىنىلدى. يىغىندا ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان خىزمەت ئەھۋاللىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قارار چىقىرىلدى، شۇنداقلا ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش خىزمىتى، جۇڭگوچىلاشقان ئۈلگىلىك سورۇن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى، «ۋەتەننى سۆيۈش، دىنىمنى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش» باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى، دىنىي زاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

يىغىندا، ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ «ئۈچ چارە» ھەمدە «سىچۈەن ئۆلكىلىك مەسچىتلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇش چارىسى»، «سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى زاتلىرىنىڭ سالاھىيەتنى بېكىتىش چارىسى»، «سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنى دىنىي زاتلارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش چارىسى»، (تۈزىتىش لايىھەسى ) قاراپ چىقىلدى. بۇ قېتىملىق «ئۈچ چارە»نىڭ تۈزىتىلىشى ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى ۋە قانۇنچىلىق روھىنى تولۇق نامايان قىلدى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشتى.

يىغىندا، ئۆلكىدىكى بارلىق مەسچىتلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى تەلەپ قىلىندى.

 (خۇ يى خەۋىرى؛ قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ؛ )  

يەنە >>سۈرەتلەر