باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 2021-يىللىق ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تېمىسىدا مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-09   

5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2021-يىللىق ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئۆز قەرەلىدە مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئاخۇن، مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىلمىي مۇدىر شۈ شاۋگاڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

رەئىس ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ بىزگە 2021-يىللىق ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تېمىسىدا مەخسۇس كۇرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى، كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئىدىيە-ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى، ھېس قىلغانلىرىنى، بۇندىن كېيىنكى دىنىي ئەقىدىلەرنى سۆزلەش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ، ئىسلام دىنى دەستۇرلىرى ۋە دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى دىنىي خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

كۇرس مەزگىلىدە، رەئىس ياڭ فامىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالايلىدېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ كۇرسانتلارنىڭ بىردەك يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دىن كەلگەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى ۋە يەرلىكتىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ جەمئىي 43 كىشى كۇرسقا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يەشمىسى، «دىن ئىشلىرى نىزامى»نىڭ يەشمىسى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسى، دىنىي ئەقىدىلەرنى كۇڭزىچىلىق تەلىماتى بىلەن ئىزاھلاش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى تەجرىبىلىرى، دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە دىنلار مۇناسىۋىتى، ماركسىزم پەلسەپەسىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش جەريانى ۋە ھالىتى قاتارلىق دەرسلىكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بەش كۈنلۈك ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۇرسانتلار بىردەك بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ باش تېمىسىنىڭ ئېنىق، مەزمۇنىنىڭ مول بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلىنىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە، بىلىمگە ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى كۈچەيدى؛ «دىن ئىشلىرى نىزامى»، دىنىي قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك تۈزۈمىنىڭ يەشمىسىگە بولغان چۈشىنىشى چوڭقۇرلاشتى؛ دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە دىنلار مۇناسىۋىتىنى چۈشەندى؛ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى تەجرىبىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. كۇرسانتلار، بۇ قېتىمقى تەربىيەلىنىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بەس-بەس بىلەن بىلدۈرۈشتى.

مۇئاۋىن رەئىس جىن رۇبىن يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2021-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا “14-بەش يىل”يىرىك پىلانىنىڭ باشلانغان يىلى. بىرىنچىدىن، كۆپچىلىكنىڭ تەربىيەگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زات بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش يولىدا مېڭىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقۇملىقتەك ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە خىزمەت قىلىشىنى؛ ئىككىنچىدىن، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى يەكۈنلەپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدار ساپاسى ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگەنگەن-ئېرىشكەنلىرىنى، كۈندىلىك خىزمەت ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ،  يېڭى دەۋر ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلەپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشقا ئاكتىپلىق بىلەن يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

(خۇاڭ ۋىنجيەن خەۋىرى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر