باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇخەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى مەسچىتلەر ۋە ئاخۇنلارنى نىشانلىق باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-08   

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ۋۇخەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى 2021-يىللىق خىزمەت يىغىنى ئاچتى. شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سى لۇڭپىڭ، باش كاتىپى ما ۋېنۋۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر قايسى مەسچىتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاخۇنلىرى بىلەن نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. شەھەرلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۇزۇن يىلدىن بۇيان، ۋۇخەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى مەسچىتلەر ۋە ئاخۇنلارنى نىشانلىق باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرغان بولۇپ، ئۆگىنىش تىپى، مەدەنىيەت تىپى، ئەخلاق تىپى ۋە ئېكولوگىيە تىپىدىن ئىبارەت«تۆت تىپ»نى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش»  پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇردى، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، سىڭدۈرمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سى لۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: 2021-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلى، پۈتۈن شەھەردىكى ئىسلام دىنى ساھەسى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكەتتە بولۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ۋۇخەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېي شاڭ ئاخۇنلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، ما جېەنشېڭ مەسچىتنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

( مەي يانەن خەۋىرى؛ قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:بارات راجەپ؛)

يەنە >>سۈرەتلەر