باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئۆگىنىش يىغىنى چاقىردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-07   

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەنشى ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى2-ئايلىق ئۆگىنىش يىغىنى چاقىردى، يىغىندا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئېلان قىلغان «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ «دۆلىتىمىز ئىسلام دېنى ساھەسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ 2021-يىللىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدىكى نىزام ۋە ماقالىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى، شەنشى ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار ئۆگىنىشكە قاتناشتى، يىغىنغا شەنشى ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپ ليۇ رۈيلىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

كۆپچىلىك ئۆگىنىش جەريانىدا بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى» دىنىي خادىملارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلەپ بەردى،دىنىي خادىملارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ بەردى،دىنىي خادىملارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى، شۇنداقلا دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي  سورۇنىنىڭ مائارىپ، تەربىيلەش، دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.  جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ «دۆلىتىمىز ئىسلام دېنى ساھەسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ 2021-يىللىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى»تېمىسىدىكى ماقالىسىنى ئۆگىنىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ھېكايىسىنى تىرىشىپ ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى قاتلاملىق دىنىي ئىختىساسلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش، شەنشى ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، داۋاملىق ھالدا «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مەسچىتلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئائىلىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تەلەپ قىلىندى.

(شەنشى ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى خەۋىرى؛ قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر