باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دېموكراتىك تۇرمۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-03   

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دېموكراتىك تۇرمۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرەم، جىن رۇبىن، سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا كۆپچىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر ۋە ئويلىنىشلارنى چۆرىدەپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى كۆپچىلىك ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا جاۋاب بەردى ۋە چۈشەندۈردى. ياڭ فامىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش سۆھبەت يىغىنى بىر قېتىملىق دوستلۇققا تولغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك يىغىن بولدى، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق، كۆپچىلىك كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن، كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇردى، ئومۇمىيلىق ۋە يەككىلىككە ئىگە مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇردى، نۇرغۇن پايدىلىق پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىكنىڭ ئىجابىي ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان سۆزلىرى ئارقىلىق، خىزمەتكە بولغان ئويلىنىشى، كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قىزغىنلىقى نامايان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىغىن ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ خىزمەت ئىستىلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلىشىدا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىنى زىچ چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن ياخشى لايىھەلەپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ياخشى قېزىپ، خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىشىمىز، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.

(ما فېڭ خەۋىرى؛ قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ؛) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر