باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇخەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى مەسچىتلەرنى يېڭى يىللىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-05-31   

2021-يىلى يېڭى يىلدا، ۋۇخەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى مەسچىتلەرنى يېڭى يىللىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە تەشكىللىدى.

مىنچۈەن يولى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى چېن جىچاۋ مۇنداق دېدى: بۇ مىنچۈەن يولى مەسچىتىنىڭ 4-قېتىملىق يېڭى يىللىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى بولۇپ، ھەر قېتىملىق مۇھىم بايرام كۈنلىرىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئەقىدە-ئېتىقادىمىزنى ئىپادىلەيمىز.

يېڭى يىل كۈنى، جياڭئەن مەسچىتىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر ۋە ئاخۇنلار دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، كۆپچىلىك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. مەسچىت ئاخۇنى چېن شىۋۇ مۇنداق دېدى: 2020-يىلى ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مەسچىتتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا بولغان رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

چىيى كوچىسى مەسچىتى، ماجياجۇاڭ مەسچىتى ھەمدە خەنيايۈەننىڭگۇڭ تېغى نامازگاھى يېڭى يىل ئەتىگەندە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

(ۋۇخەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى خەۋىرى، قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر