باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاربىن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-05-17   

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، خاربىن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق مەسچىتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

بۇ پائالىيەت ئون ئىككى يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يەنىلا خاربىن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خېيلۇڭجياڭ تىيەنشۈنيۈەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خەن لۇبو  قوللاپ، 150مىڭ يۈەن نەخ پۇل ۋە 60مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى گۈرۈچ بىلەن، 400 نامرات ئائىلىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.  

خاربىن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ گۈيلىن مۇنداق دېدى: شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي كوللېكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مېھرى-شەپقەت قەلبلەرنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

 

(ۋاڭ خاۋفەن خەۋىرى؛ مەمتىمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر