باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى پۈتۈن ئۆلكىدىكى بارلىق مەسچىتلەرگە «ئىككىنى ۋاقىتلىق توختىتىش» تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-05-11   

يۇقۇم دېگەن بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت.

نۆۋەتتە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، ئۆلكىلىك يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، توغرا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنى قەتئىي كونترول قىلىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. 1-ئاينىڭ 8-كۈنى خېبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى فاكس يوللاش، تېلېفون قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ پۈتۈن ئۆلكىدىكى 449 مەسچىتكە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش ۋە كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتنى چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەر قايسى ئىسلام جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ۋە مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە شۇ جايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسچىتنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوغرىدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆيدە ئادا قىلىش، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق، پىتنە-ئىغۋا پەيدا قىلماسلىق، ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەشۋىقات خەۋىرىگە ئاساسلىنىشقا يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

 (ياڭ خۇيلەي خەۋىرى؛ مەمتىمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر