باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى7-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-05-07   

1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى7-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلدى. ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2- دەرىجىلىك نازارەتچىسى جاڭ چۈەنلۇ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى دىن ئىشلىرى 3-باشقارمىسى (مىللەتلەر ئىشلىرى 2-باشقارمىسى)نىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ شىنجىن، ئۆلكىلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ 7-باشقارمىسى، ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى دىن ئىشلىرى 3-باشقارمىسى (مىللەتلەر ئىشلىرى 2-باشقارمىسى)دىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. 35 نەپەر جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى.

 بۇ قېتىمقى يىغىن ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى لى لىفېڭنى  19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىي توغرىسىدا كونسۇلتاتسىيە مەخسۇس دوكلاتى بېرىشكە تەكلىپ قىلدى؛ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مى چىجىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋەز-تەبلىغلەر توپلىمى» ئېلان قىلىندى؛ «جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مۇكاپاتلاشنى يولغا قويۇش چارىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ 2020- يىللىق پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىسلام دىنى ئۇچۇر-ئالاقە خىزمىتىدە ئىلغار بولۇپ باھالانغان ئورۇنلار تەقدىرلەندى.  

يىغىن پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ، يېڭى خىرىسلارنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىگىلەپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق مۇجەسسەملەپ، "تالىشىپ ئۈلگە بولۇش، تالىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىش، ئالدىدا مېڭىش"تەك شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «قۇدرەتلىك، باي، گۈزەل، كاتتا» يېڭى جياڭسۇ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

  (جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى خەۋىرى؛ مەمتىمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر